خىتايدا ھىلىمۇ 80 مىليوندىن كۆپرەك كىشى رادىئىو ۋە ياكى تىلىۋىزوردىن مەھرۇم ئىكەن

شىنخوا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە , خىتايدا ئىقتسادى جەھەتتە نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەر يۈزبەرگەن بولسىمۇ , لىكىن ھىلىمۇ خىتاينىڭ غەربى ۋە مەركىزى رايونلىرىرىدىكى 574,000 يىزا ۋە كەنتلەردە ياشايدىغان 80 مىليوندىن ئارتۇق دىھقان رادىئو ئاڭلاش ۋە تىلىۋىزور كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگەن بولالمىغان .

خىتاي ھۆكۈمىتى -1998 يىلى رادىئۇ ۋە تىلىۋىزور پروگراممىلرىنى خىتاينىڭ پۈتۈن رايونلىرىغا تارقىتىش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت باشلىغان . خىتاي دۆلەتلىك رادىئو - تىلىۋىزىىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە , خىتاي ھۆكۈمىتى -2003 يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە , 117000 يىڭى يىزا -كەنتلەرنى رادىئو - تىلىۋىزىيەور پروگراممىلرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرمىليارد يەتتە يۈز ئالتمىش مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا , خىتاينىڭ غەربى ۋە مەركىزى رايونلىرىدىكى يۈز مىڭلىغان يىزا -كەنتلەرنىڭ ھازىرغىچە رادىئو- تىلىۋىزىيە پروگراممىلرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى , بۇ رايونلاردا تىخىچە ئېلېكتىرتوكىنىڭ يوقلىقى ۋە تەبىئى شارائىتنىڭ ناچارلىقى ئىكەن . (ئەقىدە)