ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدى
2008.02.07
باش ئورگىنى ئامېرىكىدىكى دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى بىلەن خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى بىرلىكتە 2007 - يىللىق خىتاي يەر ئاستى خرستيان دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2007 - يىلى خىتايدا يەر ئاستى خرستيان دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىش ئەھۋالى 60 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2006 - يىلدىكىدىن 30 % ئاشقان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون سانى 18 گە يەتكەن.
تەنقىدچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھاكىميەت يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان دىنىي كۈچلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە، بىراق ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنى قەتئىي بوينىغا ئالماي، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، پەقەت دىنىي قالپاق كىيىۋىلىپ، قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي تەشكىلار ۋە شەخسلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتايدا دىنىي بېسىمغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچراۋاتقانلار ئۇيغۇرلار ھېسابلىنىدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا ئۆيلىرىدە قۇرئان ساقلىغان ئۇيغۇرلار، قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇر دەپ قارىلىنىپ، جازاغا تارتىلغاندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغۇچىلار ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ناماز قىلىش ئەركىنلىكىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تىزلىكتە ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاينىڭ ئايال - بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي 'شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش' دېگەن نام بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ
- خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى