تەيۋەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت تەكلىپىنى رەت قىلدى

تەيۋەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، تەيۋەن خىتاينىڭ " بىر جوڭگو" پرىنسىپى ئاستىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش شەرتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى تەيۋەندىكى ئىككى ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن بىلەن سوڭ چۇيۈنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇلۇقىدىكى زىيارىتىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويغان.

تەيبېي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنكى باياناتىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن تەنقىدلىگەن. تەيۋەن تەرەپنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: " ئىككى قىرغاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئايرىم سىياسى شەخسلەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى رەسمى قاناللار بىلەن مۇزاكىرە قىلىش كېرەك."

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بېرى تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىلەن مۇناسۋىتىنى كۈچەيتتى. پەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ بىلەن كۆرۈشۈپ، "ئىككى قىرغاق بىر جوڭگو" پرىنسىپىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سۆھبەت ئاساسى قىلىشنى قوبۇل قىلدى.

چېن شۈيبيەن، پەيشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىگە ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتقان. ئۇ، " خىتايلار بىر جوڭگو پرىنسىپىنى، 92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇشنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى،" دەپ كۆرسەتتى. سوڭ چۇيۈنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان. (ئەركىن)