خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس خانىم يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ۋاقتى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ھېلىمۇ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوندالىزا رايس بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: "ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئافغانىستان مۇستەقىل بىر دۆلەت. بۇ دۆلەتتە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بىر پرېزىدېنت ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ ھۆكۈمەت ئارقىلىق بولىدۇ. ئافغانىستاندا ھېلىمۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئافغانىستان خەلقى ھېلىمۇ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج".
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەقىدە)