خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە رىقابەت بولماقتا

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 8 ‏- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ھازىر جەمئىيەتتە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلەر ۋە توپۇلاڭلار پەيدا قىلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىگە رىقابەت بولۇپ شەكىللەنمەكتە، دەپ بايان قىلىنغان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا 1994 ‏- يىلى 10 مىڭ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. 2004 ‏- يىلىغا كەلگەندە، يۈز بەرگەن ئاممىۋىي ۋەقەنىڭ سانى74 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. ۋەقەگە چېتىلىدىغان ئادەم سانى 730 مىڭدىن 3 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن. يەنە بىر ئۆزگىرىش شۇكى، 2006 ‏- يىلىنىڭ ئالدىنقى 9 ئېيىدا، ئاممىۋىي ۋەقەگە ئارىلاشقان ساقچىلارنىڭ سانى 17 مىڭ 900 گە يەتكەن. (ۋەلى)