نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان 28 - نۆۋەتلىك خەلقئارا پسىخولوگىيە قۇرۇلتىيىدا، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى بالىلارنىڭ % 20 دە روھى چۈشكۈنلۈك ئەھۋالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە مەركىزى كۇينزلەند ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى ۋاڭ ۋېي، ھازىر خىتايدا بەش بالىنىڭ بىرىدە روھى چۈشكۈنلۈك ئەھۋالى بارلىقىنى، ھەمدە بۇنى ئاساسلىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇشى ۋە مەكتەپنىڭ بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا پسىخولوگىيە قۇرۇلتىيىدا يەنە، خىتايدىكى بالىلارنىڭ % 20 دە روھى چۈشكۈنلۈك ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسا، % 4 بالىلارنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى پسىخولوگىيىلىك تېببىي داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئېغىر روھى چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ -80 يىللاردا ئېلىپ بارغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىلىرىغا بولغان تەلىپىنى ئاشۇرۇپ، يالغۇز بالىلارنىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.(پەرىدە)