خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلىدى


2007.09.23

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 8-ئايدا رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ " تىنچلىق ئەلچىسى 2007" ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتناشقان قىسىملارنى ۋە ئايرىم شەخسلەرنى مۇكاپاتلىدى. يىغىنغا شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي كومىسسارى تىئان شۇسى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ھەربىي رايون قوماندانى دوكلات بېرىپ، شىنجاڭ قىسىملىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردىكى پائالىيەتلىرىنى خۇلاسىلىغان.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا تەۋە قوشۇنلىرىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ چېنىقتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيىنىڭ چېليابىنسكى رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىر خىتاي ئارمىيىسى ئۈچۈن زور بىر پۇرسەت بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مانېۋىرغا ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى قاتناشتۇرغان. شاڭخەي گۇرۇھىغا تەۋە دۆلەتلەرنىڭ 6000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرى قاتناشقان مەزكۇر مانېۋىردا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە چەت مەملىكەتكە بېرىپ، مانېۋىرغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مانېۋىر جەريانىدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي تېخنىكا ۋە ھەربىي سۈپەت قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ بىشكەك يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كېلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاخىرقى قىسىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىشى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، مانېۋىر ئاخىرلاشقاندا باشلىقلار نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى. بۇ مانېۋىر تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنى مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇشىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.