رۇسىيە: خىتايلارنىڭ رۇسىيىدە خىتاي رايونى پەيدا قىلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ
رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەت كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدە خىتاي كوچىسىغا ئوخشاش كۆچمەنلەر رايونى تەسىس قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولسىمۇ، بىراق خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى رۇسىيە ھەر قايسى ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا ئىكەن.
رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى رومودوۋىنىسكى يېقىندا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىغا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارغا رۇسىيە شەھەرلىرىدە مەخسۇس خىتاي بازىرى ۋە كوچىسىغا ئوخشاش مىللىي تۈس ئالغان كۆچمەنلەر رايونى بەرپا قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۈر خادىم، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رۇسىيىدە نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتايلارنىڭ ساياھەت سالاھىيىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق، رۇسىيىنى ئۆزلىرىنىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش كۆۋرۈكى قىلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بىر قىسىم خىتايلار ساياھەت قىلىش باھانىسىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ، شۇ دۆلەتلەردە قانۇنسىز ئەمگەك قىلىش، بولۇپمۇ قانۇنسىز ئادەم يۆتكەش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتاي كوچىسىدا قىممىتى 60 مىليون دوللارلىق ساختا مال ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۈر خىتاي كوچىسى ئامېرىكىدىكى قانۇنسىزلىق جىنايىتى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئېكسپورتى چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا
- رۇسىيىدە خىتاي ئىشپىيونلىرى تۇتۇلدى
- رۇسىيە - خىتاي سودىسى رۇسىيىگە پايدىسىز بولماقتا
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ
- خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئىلى ئارقىلىق رۇسىيىگە يېتىپ بېرىپ مانېۋىر تەييارلىقى كۆرمەكتە
- رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى
- رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شىتابى باشلىقى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- رۇسىيىدە مىللەتچىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى ئىگىلىۋالغان
- رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس باھا بەردى
- جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى