خىتاي ھۆكۈمىتى سەندۇڭدا بىر يازغۇچىنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىدى
2006.04.13
خىتاينىڭ سەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، تور بېتىگە خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىدلەيدىغان سىياسىي ماقالە يازغان ۋە جەمئىيەتتىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن بىر ئىختىيارى ئوبزورچىنى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىدى. مەزكۈر ئوبزورچى لى جيەنپىڭنىڭ سوتى چارشەنبە كۈنى سەندۇڭنىڭ زىبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە باشلاندى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى جيەنپىڭ تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان. بۇ يىل 40 ياشتىكى لى جيەنپىڭ 1989 - يىل يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنتېرنېتكە ماقالە يازىدىغان ئىختىيارى ئوبزورچى ئىدى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا قولغا ئېلىنغان. لى جيەنپىڭنىڭ ئادۋۇكاتى جاڭ شىڭخۇي سوت مەھكىمىسىدە لى جيەنپىڭنى ئاقلاپ، " ئۇ جەمئىيەت سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ۋە بەزى جىددىي مەسىلىلەر ۋە سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن " دەيدۇ. جاڭ شىڭخۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ لى جيەنپىڭنى" ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىمايدىكەن ".
تەپتىش دائىرىلىرى لى جيەنپىڭنى چەتئەلدە خىتايچە چىقىدىغان تور بەتلىرىگە ماقالە يازغان، دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننى بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالە ۋە ھىكايىلەرنى يازغان، دەپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە جازاسى مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. 2005 - يىلى 11 - ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ نازارەتچىسى مانفرىد نوۋاك، ئۈرۈمچىنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا نۇمۇھەممەت ياسىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى خىتاي دېموكراتچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى
- خىتاي فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىدى
- خوڭكوڭ دېموكراتلار پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا دوكلات سۇنماقچى
- باۋ توڭ: خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى يولغا قويماي تۇرۇپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ