خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭى بىر قارار ئېلان قىلدى


2005.01.04

خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تور بېتىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، "بۇ يىلدىن باشلاپ، يېڭىدىن ساقچى قوبۇل قىلىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا پسىخىكا ساپا ئىمتىھانى قوشۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى" قارار قىلغان.

خەۋەردە يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، پسىخىكا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ۋە پسىخىكا جەھەتتە توسالغۇسى بولغانلار پىرىنسىپ جەھەتتە ساقچىلىققا قوبۇل قىلىنمايدىكەن.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ساقچىلارنىڭ پسىخىكا ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ساغلام بولماسلىقى سەۋەبىدىن، جىنايەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز يەتكۈزۈش ۋە ھەتتا جىنايەتچىلەرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتەك قىلمىشلار ئىنتايىن كۆپ يۈز بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ساقچىلارنىڭ فالۇڭۇڭ مۇرىتلىرىنى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى جازالاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەتچىلەرگە تەن جازاسى بەرگۈچى ساقچىلار داۋاملىق ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنى قىينىغانلىقتىن، بۇ ساقچىلار ۋەھشىلىك، رەھىمسىزلىك ۋە تەلۋىلىككە ئوخشاش ساقايماس روھى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.