خىتايدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە


2005.09.28

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بېلدۈرىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا ھەر خىل زوراۋانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، 23 نەپەر ساقچى ئۆلگەن. 1800 ساقچى يارىلانغان.

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىدە كۆپ خىل سەۋەبلەر بار. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خەلق ۋە ھۆكۈمەت ئارىسىدا، چېرىكلىك، يەر زېمىننى مەجبۇرىي تارتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۈركىلىش بارغانسىرى كۈچەيگەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، باي- كەمبەغەللىك پەرقىنى تېخىمۇ زورايتقان، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرغان.

بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇئاشى كەنتىدىكى پۇقرالار بۇ يىل 4 - ئايدا بىر خىمىيىلىك زاۋۇتنىڭ ھاۋانى بۇلغىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، 100 نەپەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى يارىلاندۇرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.