خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچەيتىلدى


2005.01.24

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا قۇش زۇكىمى ۋىروسى قايتىدىن تارقىلىپ، 41 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەر سارس ۋە قۇش زۇكىمى قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى سەھىيە دائىرىلىرى، گۇاڭدۇڭدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا مەخسۇس قىزىتما كېسەللىرى بۆلىمىنى تەسىس قىلغان ھەمدە سارس ۋە قۇش زۇكىمى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بىمارلارنى دەرھال ئايرىپ، 12 سائەت ئىچىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىياگنوز قۇيۇشىغا ئاپىرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە سارس ۋە قۇش زۇكىمى ئاسان تارقىلىدىغان قوزان ۋە ئۆي قۇشلىرىنى كۈزىتىشكە باشلىغان.

گۇاڭدۇڭدىكى سەھىيە خادىملىرى ناۋادا بۇ يىل سارس كېسىلى قايتا تارقالسا، ئۆزلىرىنىڭ يىتەرلىك تەييارلىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى يىلى قىشتا گۇاڭدۇڭدىن تارقالغان سارس كېسىلى سەۋەبىدىن دۇنيادا 800 دەك ئادەم ئۆلۈپ، سەككىز مىڭدىن كۆپ ئادەم ئاغرىغان ئىدى. يېقىندىن بويان تايلاند ۋە ۋېينامدا قۇش زۇكىمىنىڭ قايتىدىن تارقىلىشى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇش زۇكىمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا يەتتە مىليون كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ جەنۇبىيدىكى ئۆلكىلەر يۇقۇملۇق كىسەللەردىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ ھەقتە تەدبىر ئالغانلىقى ھەققىدە تېخى ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.