خىتايدىكى دورا بازارلىرىدا c تىپتىلىق جېگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساختا دورا سېتىلغانلىقى بايقالغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى گۇاڭدۇڭدىكى 'بويى' دورا شىركىتىنى' كېسەلىكتىن ساقلىنىدىغان ئاقسىللىق دورىلار' دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمما c تىپلىق جېگەر ياللۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىشلەپچىقارغانلىقى ئۈچۈن تەكشۇرۈشكە باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، باكتىرىيىگە قارشى قوللىنىلىدىغان دورا بازارلىرىدا بۇ شىركەتنىڭ ئادەمنى ئۆلۈمگە يۈزلەندۈرىدىغان ئالتە خىل دورىسى ۋە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئون نەچچە خىل دورىسى سېتىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى گۇاڭدۇڭدىكى ساختا دورا ئىشلەپچىقارغان شىركەتنى تەكشۈرۈشكە باشلىغاندا، شىنجاڭ رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 23 ‏- يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دۇڭفېڭ 'يېزا بازارلىرىدا يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم' لىقىنى تەكىتلىگەن.(ۋەلى)