خەلقئارا ساقچى ئورگىنى خىتايدىكى ساختا دورا دېلوسىنى پاش قىلدى
2008.02.13
خەلقئارا ساقچى ئورگىنى خىتايدا ئىشلەنگەن 'گۇيلىن دورىلىرى' ماركىلىق بەزگەكنى داۋالاش دورىسىنىڭ ساختا دورا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. خەلقئارا ساقچى بۇ دېلونى خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا پاش قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىل ساختا دورىدىن 25 مىڭ بولاق مەھسۇلات ئاللىقاچان سېتىلىپ بولغان ئىكەن. ئەگەر بۇ دورا راس بولسا، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 25 مىڭ بىمار ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى ھازىر بۇ خىل ساختا دورىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى رايونلارغا ۋە بېرما، لائوس، كامبودژا، ۋېيتنام قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، ھەتتا ئافرىقىغا سېتىلىش يوللىرىنى قامال قىلغان.
ئەنگلىيىدىكى ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاۋل نيۇتوننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ خىل ساختا دورا خەلقئاراغا تارقالسا، ئۇ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يېمەكلىرى خەتەرلىك
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى سەھىيە تارماقلىرى ئارىسىدا چېرىكلىك ئەۋج ئالماقتا
- خىتايدا ئىشلەنگەن زەھەرلىك مادا بايقالغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ياۋروپادا يىغىۋېلىنماقتا
- خىتاي - ئامېرىكا كېلەر ئاي دورا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزەشنى قارار قىلدى
- ئامېرىكا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىنى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن قايتۇردى
- ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقىنى يىغىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا، خىتايدا ياسالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقلار كارىۋىتىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىخەتەر بولمىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- دىسنېي كارتون فىلىم شىركىتى بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۈستىدە خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى
- خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى بازاردىن قايتۇرۇش ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلان چىقتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ سۈپەتسىز تاۋارلىرىغا قارشى قوزغالغان دولقۇندىن ئەندىشە قىلماقتا









