ئامېرىكا دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ، خىتايدا ياسالغان 300 مىڭدىن ئارتۇق بالىلار ئويۇنچۇقى ۋە بالىلارغا ئائىت بۇيۇملارنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رويېترس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېنلاندىيىنىڭمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن يۇڭ ئەدىياللارنى يىغىۋالغانلىقى ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئەدىياللاردا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بىر خىل زەھەرلىك ماددا بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، ماندارسىن خىتايغا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، "خىتاي ماللىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر يالغۇز، سودا مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا خىتاي ئالدى بىلەن سودىدىكى بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك " دېدى.
خىتايدا ياۋروپا كارخانىلىرى خىتاي ماللىرىدا زەھەرلىك ماددا بايقالدى دېگەن باھانە ئارقىلىق سىياسىي مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تارقالغان بولۇپ، ماندېرسىن بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ ، بۇ خىل قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشتا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ئارىدا يەنە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدا قانۇنسىز ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان چوكا زاۋۇتىنى پاش قىلىپ، يېرىم مىليونغا يېقىن بامبۇكتىن ياسالغان دىزىنفىكسىيىسىز چوكىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى بىر يەر ئاستى چوكا زاۋۇتىدىلا كۈنىگە 500 مىڭ كىشىلىك ئۆلچەمسىز چوكا سېتىلىدىكەن. (ئەقىدە)