خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ سۈپەتسىز تاۋارلىرىغا قارشى قوزغالغان دولقۇندىن ئەندىشە قىلماقتا


2007.08.25

دۇنيادا خىتاينىڭ ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق تاۋارلىرىغا قارشى قوزغالغان دولقۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. فىلىپىننىڭ پايتەختى مانىلا شەھىرىدە ئېچىلغان، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا مىنستىرلىرىنىڭ يېغىنغا قاتنىشىۋاتقان، خىتاي سودا مىنستىرى بو شىلاي، شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ سودا شىرىكلىرىنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەردىن، سودىدا خىتايغا قارشى قوغدىغۇچى سىياسەتلەرنى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن پايدىلانماسلىق ھەققىدە، ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى مەسىلسىى خەلقئارالىق بىر مەسىلە بولۇپ، ھەرقانداق دۆلەت بۇ مەسىلىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بىز دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، سودىدا قوغدىغۇچى تەدبىرلىرى ئېلىشىغا قارشى" دېدى

خىتاي سودا مىنستىرى يېغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ھېلىمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدىمۇ بىر تەرەققىيات جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىنىڭ جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان. ئۇ ، باشقا دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ بۇ ۋەزىيىتىنى توغرا چۈشۈنۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا شىركەتلىرى زەھەرلىك ماددا بايقالغان خىتاي ئويۇنچۇقلىرىنى يىغىۋېلىش چاقىرىقى چىقارغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، ئادەم سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ قارالغان خىتاي ئويۇنچۇقلىرىغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.