ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر، 26 - سېنتەبىر كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، قوغۇشۇن مىقدارى دەرىجىدىن يۇقىرى خىتاي ئويۇنچۇقلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىدىن 650 مىڭ دانىسىنى يىغىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر قانچە چوڭ دۇكانلاردىكى بالىلار ئويۇنچۇقى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، يىغىۋېلىنغان ئويۇنچۇقلار خىتايدا ئىشلەنگەن ماشىنا ۋە پويىز قاتارلىق قوغۇشۇن مىقدارى ئامېرىكا ئىستىمالچىلار كومىتېتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئىستىمالچىلار كومىتېتى يەنە، يىغىۋېلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئويۇنچۇقلار يېقىندىن بۇيان خەلقئارانىڭ دىققىتىنى چەككەن مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا بىر قىسىم ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيىمۇ خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.
خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتسىز ھەمدە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمەسلىكى، خىتاينىڭ سودىدىكى ئابرويىغا ئالاھىدە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. (ئەقىدە)