خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ ناچار ئادەتلىرى، خىتاينىڭ ئابرويىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە

خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ تۈكۈرۈش، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن سۇ چۈشۈرمەسلىك قاتارلىق ئادەتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئابرويىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ساياھەت ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا خىتاي ساياھەتچىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناشتا، تۈكۈرۈش، تاماكا چېكىش چەكلەنگەن يەرلەردە تاماش چېكىش، ئەسنىگەندە ئاغزىنى قولى بىلەن توسىماسلىق، مېھمانخانىلاردا يېرىم يالىڭاچ مېڭىپ يۈرۈش ۋە ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن سۇ چۈشۈرمەسلىك قاتارلىق ئادەتلەر خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرنى ئەڭ كۆپ يىرگەندۈرىدىغان ئادەتلىرى دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بولۇپمۇ كەلسە -كەلمەس يەرگە تۈكۈرۈش بەزى دۆلەتلەردە خىتاي ساياھەتچىلىرىگە قارشى سەلبىي قاراش پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن. بۇ مەسىلە، خىتاي كومپارتىيىسى مەنىۋىي مەدەنىيەت دائىمىي كومىتېتىنى، چەتئەللەردە قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىغان خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئايروپىلان بېلىتى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىشقا مەجبۇر قىلغان.

ئۆتكەن يىلى 31مىليون خىتاي پۇقراسى چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر، 2020 ‏- يىلىدا ساياھەت ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 100 مىليون كىشىگە يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. (قانات)