بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خۇڭكوڭدىكى پارلامېنت سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى

"خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى " يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ھارپىسىدا، خوڭكوڭدا تېررورچىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى" دەپ تەنقىد قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى،خوڭكوڭ پارلامېنتىدا بوش قالغان 30 ئورۇننى تولدۇرۇش ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ. " خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى " دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام ھارپىسىدا خوڭكوڭدىكى مەتبۇئاتلار، كاندىداتلار ۋە سايلىغۇچىلارغا ھەر خىل تەھدىت ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، دېموكراتچىلار نامزاتلىرىنىڭ سايلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

" خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى" يەنە خىتاينىڭ 1997 - يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرىۋالغاندا ،خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، مەزكۇر دوكلاتقا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، "چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق " دەپ كۆرسەتتى ھەمدە خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭنىڭ خىتايپەرەس ھۆكۈمىتىمۇ، بۇ دوكلاتنى "ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان" دەپ كۆرسەتتى. خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان دېموكراتىك نامزاتلار بولسا، سايلام خەلقىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىققا چاقىردى. يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلام، خوڭكوڭ تارىخىدىكى رىقابىتى ئەڭ كۈچلۈك بىر سايلام بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. (ئارزۇ)