خوڭكوڭدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2004.09.12

خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ 3 - قېتىملىق ۋەكىللەر سايلىمى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار ، بۇ يىلقى سايلامدىكى بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئالدىنقى قېتىمقى سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىدىن كۆپ يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كۈزەتكۈچىلەر ، بىلەت تاشلىغۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن دەپ قارىغان . سايلام نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ بىراق ، دېموكراتىك كۈچلەر قانۇن چىقىرىش پالاتاسىدىكى% 60 ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا .

بۇ قېتىمقى سايلامدا خوڭكوڭ بويىچە ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم بىلەت تاشلايدۇ . سايلامنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن . بۇ قېتىمقى سايلام خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ 60 نەپەر ۋەكىلىنى سايلاپ چىقىلىدۇ . 60 ۋەكىلنىڭ 30 نەپىرى بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق سايلىنىدۇ ، قالغان 30 نەپىرى ھەر قايسى سىياسى گۇرۇھلارنىڭ سايلامدا ئېرىشكەن بىلىتىگە قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ . بۇ قېتىمقى سايلام خوڭكوڭ تارىخىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن سايلام بولدى . خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىمقى سايلامنى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بېيجىڭپەرەس كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش دەپ باھا بەرمەكتە . سايلام نەتىجىسى خوڭكوڭنىڭ كېلەركى 4 يىللىق سىياسى ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.