خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى


2004.09.13

خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ 2004 - يىللىق ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دېموكراتچىلار خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى 60 ئورۇننىڭ 25 ئىنى ئىگىلىدى. بۇ سان ئۇلارنىڭ ئۆتكەن قاراردىكى خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئېرىشكەن ئورنىدىن ئۈچى كۆپ تۇرىدۇ.

سايلامدا بېيجىڭپەرەسلەر پارلامېنتتا 30 ئورۇنغا ئېرىشكەن. خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ سايلىمى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پارلامېنتتىكى 60 ئورۇننىڭ 30 ئى بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق، قالغانلىرى ھەر قايسى سىياسى گۇرۇھلارنىڭ سايلامدا ئېرىشكەن بېلىتىگە قاراپ تەقسىم قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ نەتىجىسى دېموكراتچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، بىراق سايلامدا لىياڭ گوشۇڭ قاتارلىق رادىكال دېموكراتىك زاتلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلانغان.لىياڭ گوشۇڭ قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان تىكەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سايلامدا بۇنىڭدىن سىرت يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن كىرىشى مەنئى قىلىنغان خوڭكوڭ دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى لى جۇمىڭمۇ ئۇتۇپ چىققان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.