تەيۋەندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىمى شەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. ئۆكتىچى گومىنداڭ، چىنمىڭداڭ ۋە شىنداڭ گۇرۇھىدىكىلەر، تەيۋەن پارلامېنتىدىكى 225 ئورۇننىڭ 116 سىگە ئېرىشىپ، تەيۋەن پارلامېنتىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى.
مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان، ھاكىمىيەتتىكى تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى بىلەن تەيۋەن بىرلەشمە پارتىيىسى گوروھىدىكىلەر پارلامېنتتا 101 ئورۇنغا ئېرىشتى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر سايلامنىڭ نەتىجىسى تەيۋەننىڭ سىياسىتىدە يېڭى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆكتىچى پارتىيە گۇرۇھىدىكىلەر بېيجىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن پارلامېنت سايلىمىدا ئۆز گۇرۇھىدىكىلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر قايسى پارتىيە - گۇرۇھلارنى بىرلىكتە تەيۋەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان. بەزى كۈزەتكۈچىلەر، سايلام نەتىجىسىنىڭ، چىن شۈيبيەننىڭ تەيۋەننى خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئايرىش تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەن بىر چوڭ زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ قېتىمقى تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلىمىدا 386 كاندىدات سايلامدا بىۋاستە مەيدانغا كېلىدىغان 175 ئورۇننى تالاشقان. قالغان 49 ئورۇن بولسا، ھەر قايسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىنغان. (ئارزۇ)