خوڭكوڭدىكى سايلام خۇلاسىسى چىقتى

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقىنى سايلاشتا سابىق خوڭكوڭ باش ۋالىسى سېڭ يىڭچۈئەن قايتىدىن سايلاندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سېڭ يىڭچۈئەن 649 ئاۋاز بىلەن رىقابەتچىسى لياڭ جاجېنى مەغلۇپ قىلغان. لياڭ جاجې 123 ئاۋازغا ئېرىشكەن. بىراق، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر 2012-يىلى خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

خوڭكوڭ دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرى خوڭكوڭنىڭ 800 كىشىلىك سايلام كومىتېتىنىڭ خوڭكوڭ باش ۋالىسىنى سايلاش ھوقۇقىدىن نارازى بولغان بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي سايلام قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

بۇ يىل 7-ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىرى ۋېن جاۋابلار خوڭكوڭ باش ۋالىسى سېڭ يىڭچۈەننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش قەسەمياد مۇراسىمىغا ھەم خوڭكوگنىڭ جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. (ئۈمىدۋار)