خىتايدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولماقتا
2007.01.07
خىتاي ئازادلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2006 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ 8 ئۆلكىسىدە سەھىيە ساھەسىنى ئاساس قىلىپ مەخپى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سەھىيە خادىمىنىڭ ئۆز خىزمەت قولايلىقتىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىشىغا چېتىشلىق 928 دېلو پاش بولغان. شۇنداقلا 5357 نەپەر سەھىيە خادىمىنىڭ پارىخورلۇق جىنايى قىلمىشىنىڭ ئالاھىدە ئېغىرلىقى ئاشكارىلانغان.
نۆۋەتتە بۇ تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولغان سەھىيە خادىملىرىنىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئىگە بولغان ئومۇمى سوممىسى 240 مىليون يۈئەنگە يەتكەن. بۇ جەرياندا 194 نەپەر سەھىيە خادىمى قانۇنىي ھەمدە مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا پارىخورلۇق ھەر ساھەلەردە يامرىغان بولۇپ، ھەتتا ئادەم قۇتقۇزۇشنى ۋەزىپە قىلغان سەھىيە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى دوختۇرلاردىمۇ پارىخورلۇق قىلمىشىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى ئىكەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گەنسۇ سىياسىي- قانۇن باشقارمىلىرىدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق كىشى جازاغا ئۇچرىدى
- خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار جازالانغان
- چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- چېن لياڭيۈنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى كىشىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكى بىكار قىلىندى