خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەركىزى ھۆكۈمەت ، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا، جىددىي باشقۇرۇش سەھىيە تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا ، يەنىلا يۇقىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى چۈشۈرگەن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن، كۆپلىگەن ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى " بىر تۇتاش باشقۇرۇش سىستېمىسى"نى يوق قىلىپ، سەھىيە ساھەسىدە ھەقىقىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى.
مۇتەخەسسىسلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى يوشۇرۇش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە مۇھىتنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى ھادىسىلەرنى يوشۇرۇش كەيپىياتىنىڭ خەلقئارادا يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خاتالىقىنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان. (مېھرىبان)