شەنبە كۈنى، خىتاينىڭ سودا ۋە تىجارەت مەركىزى ھېسابلانغان، شاڭخەي شەھىرىدە، يۈزلىگەن كىشى ھۆكۈمەتنىڭ شاڭخەيدىكى تېز سۈرئەتلىك پويىز يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىزنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ، رادىئاتسىيىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ۋە خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىمنى بايان قىلىشماقتا.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشنىڭ بېشىدا، سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق، تېز سۈرئەتلىك پويىزنى خالىمايمىز، دەپ شۇئار توۋلىغان، ئونلىغان نامايىشچى، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. لېكىن كېيىن، ساقچىلار نامايىشچىلارنى تۇتۇشنى توختاتقان بولۇپ، كۈننىڭ پىتىشى بىلەن نامايىشچىلار ئۆزلىگىدىن تارقىلىپ كەتكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە قايىل قىلدى، دەپ كۆرسىتىلگەن. باياناتتا، تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھىسىنىڭ تېخى بىر تەكلىپ سۈپىتىدە سۇنۇلغانلىقى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ قانۇنى يوللار ئارقىلىق، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكى، تەكىتلەنگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىقى نارازىلىق نامايىشى، 2005- يىلى ياپونىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.
يەرلىرى، يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان خىتاي دېھقانلىرىنىڭ نامايىش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، خىتايدا ئومۇملاشقان بىر ھەرىكەتكە ئايلانغان بولۇپ، لېكىن ھازىرغىچە خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرى، شەنبە كۈنى شاڭخەيدە ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىغا ئوخشاش، نارازىلىق ھەرىكىتىگە سەھنە بولمىغان ئىدى.