جاڭ دېگۇەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىمسىزلىق دەۋرىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
2006.01.16
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ دېگۇەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇراقسىزلىق دەۋرىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ 16- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىيات رايوننىڭ مۇقىملىققا ئېرىشىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تېخى چىرىكلىك ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلالمىغان.
باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىپىلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان جاڭ دېگۇەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرى كەلگۈسىدە تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك دېدى.
2050- يىلىغىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جاڭ دېگۇەن، لېكىن، بۇ تەشكىلات ھېچقاچان ھەربىي ئىتتىپاق بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
نۇرغۇنلىغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر، 1996-يىلى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارغانسىرى شەكىل ئۆزگەرتىپ، نۆۋەتتە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى بىر تەشكىلاتقا ئايلانغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتتىن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسنى كېڭەيتىش يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسلىسىدە سۆھبەتلەشتى
- ۋىن جىياباۋ كىلەر ھەپتە رۇسىيىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
- خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى
- خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى