خىتاي دېھقانلارنى شەھەرگە كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە
2005.10.12
خىتاي مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، كەلگۈسى 15 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 200 مىليوندىن 300 مىليونغىچە بولغان خىتاي دېھقان كۆچمەنلىرى خىتايدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە كۆچۈپ كېلىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي شەھەر باشلىقى ئويۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى تاۋ سىلياڭ، "خىتاينىڭ شەھەرلىشىشى، 21 - ئەسىردىكى بىر چوڭ پىلان. بۇ، نامراتلىقنى يوقىتىشتىكى بىر مۇھىم قەدەم" دەپ بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەھەر نوپۇسى 524 مىليون بولۇپ، ھازىرقى پىلان بويىچە، ھەر يىلى 13 مىليوندىن 18 مىليونغىچە كىشى شەھەرگە كۆچۈپ كىرىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى، چەت-ياقا رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ شەھەرگە كۆچۈشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 1998 -يىلىدىن 2004 -يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەھەرلەرگە 2 تىرلىيون يۈئەن مەبلەغ سالغان.
خىتاينىڭ بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلىرى خېلى ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلغان بولۇپ، شەھەرلىشىش نىسبىتى 1990 -يىلى 19% بولغان بولسا، 2004 - يىلىغا كەلگەندە 40% كە ئۆسكەن.
نۆۋەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ بۇ پىلانى بويىچە، خىتاي تەرىپىدىن "زېمىنى كەڭ، ئادىمى شالاڭ" دەپ تەسۋىرلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)