خىتاي، كەمبەغەل دۆلەتلەرگە شەرتلىك ھالدا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ
2005.09.15
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ياردەمنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ دۆلەتلەر چوقۇم تەيۋەننى ئېتىراپ قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.
خۇ جىنتاۋ بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل 39 دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرىغا باج ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە باجدا ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن يەنە، تىببىي دورىلارنى بېرىش، قەرزىنى بىكار قىلىش ۋە 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كرېدىت بېرىش قاتارلىق ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ياردەملىرى چوقۇم بۇ دۆلەتلەر تەيۋەننى ئېتىراپ قىلماسلىق شەرتىنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن بېرىلىدۇ.
ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى كەمبەغەللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ چەت يېزا رايونلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جېنىنى قامدىشىمۇ تەسكە چۆشىۋاتقان كەمبەغەللەر نوپۇسىنىڭ ھازىر جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
- خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- تەيۋەن، دۇنيادىكى سىياسىي تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلات قۇرغان
- تەيۋەن ب د ت نىڭ ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
- تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى