خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى "مال - مۈلۈك قانۇنى" نى ماقۇللىدى


2007.03.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى جۈمە كۈنى يېپىلىشتىن بۇرۇن خىتايدا ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى تالاش تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان " مال-مۈلۈك قانۇنى"نى ماقۇللىدى. " مال -مۈلۈك قانۇنى"دا دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە شەخسنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى شۇنداقلا باشقا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخس بۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ" دەپ بەلگىلەنگەن.

مەزكۇر قانۇن 13 يىلدىن بېرى تالاش تارتىش قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي قانۇنچىلىق تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن تالاش - تارتىش قىلىنغان قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ 13 يىل جەريانىدا مەزكۇر قانۇننى ئىسلاھاتچىلار ۋە لىبېرال ئۇنسۇرلار ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن كومپارتىيە ئىچىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەر شۇنداقلا سولقانات ماركىسىزىمچى ئۇنسۇرلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

مال - مۈلۈك قانۇنىنى قوللايدىغان لىبىرال زىيالىيلار " مەزكۇر قانۇن خىتاي قانۇنچىلىق تارىخىدىكى ئابىدە" دەپ قارىماقتا ھەمدە بۇ قانۇن خۇسۇسىي شىركەتلەرنى قوغداپ، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ شۇنداقلا ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ قورا جاي ۋە مال - مۈلكىنى قاقتى- سوقتى قىلىشىدىن قوغدايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن سولقانات ماركىسىزىمچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مال - مۈلۈك قانۇنى خىتاي جەمئىيىتىدە باي ۋەكەمبەغەللەر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، جۇڭگونى كاپىتالىزم لاگىرىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. " مال - مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى" خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى زور كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.