شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى
2006.05.15
خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 جۇمھۇرىيەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە توپلىنىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئىران يادرو پىلانى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىدى.
موڭغۇلىيە، ئافغانىستان، ئىران، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. بۇ قېتىمقى يىغىن خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىران يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە جىددى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان سەزگۈر بىر مەزگىلدە ئېچىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 2 يېتەكچى چوڭ دۆلەت رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇش پىلانىغا قارشى چىقماقتا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئامېرىكىنىڭ پىلانىنى قىسمەن قوللىماقتا ئىدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر دۈشەنبە كۈنى ئىران قاتارلىق 5 دۆلەتنىڭ مەزكۇر ئورگانغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغان بىشارەت بەردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لوۋروۋ مۇخبىرلارغا "باشقا دۆلەتلەر تەشكىلاتىمىزغا ناھايىتى قىزىقماقتا. بىز ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز،" دېدى. لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى بەزى دۆلەتلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆلىمى قايسى دەرىجىدە بولۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىدە بىر بىرلىكىگە ئىگە ئەمەس.
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، " بىزنىڭچە بىز ئەزا دۆلەتلەرنى چەكلىمىسىز كېڭەيتسەك بولمايدۇ،" دېدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىگە قارشى رىقابەتلىشىش ئۈچۈن قۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا مەزكۇر تەشكىلاتنى رايوندىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى خەلقئارا كۈچ سۈپىتىدە قوللانماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن بەزى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا جەم بولدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېيجىڭدا يىغىن ئاچماقچى
- ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
- جاڭ دېگۇەن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىمسىزلىق دەۋرىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى
- كېرىموفنىڭ قىزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ فونكىتسىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى