شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك يىغىنى 15 - ئىيۇن كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىران يادرو قوراللىرى پىلانىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل مۇنازىرىلەر تۈپەيلى ئىران پرىزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەزكۈر يىغىنغا قاراتقان دىققىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەيدە 6 تەرەپكە ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن قازاقىستان پرىزىدېنتى نازەربايېف، قىرغىزىستان پرىزىدېنتى باقىيىف، رۇسىيە پرىزىدېنتى پۇتىن، تاجىكىستان پرىزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوف ۋە ئۆزبىكىستان پرىزىدېنتى كەرىموفلارنى كۈتىۋالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشنى تەشەببۈس قىلغان .
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ ئارىدا مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ خىتاي تەرەپ ۋەكىلى، ليۈ جەنچاۋ " ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى " دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەرقايسى تەرەپ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن . بولۇپمۇ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئاستىدا، بىر دۆلەتنىڭ تېررورچىلىققا يالغۇز زەربە بېرىشى تولىمۇ قېيىن، شۇڭا بۇ نۇقتىدا خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىشىشى كېرەك " دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەن كۈنلۈك ئاستىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زەربىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى" دېدى، ئۇ سۆزىدە يەنە"خىتاي، مەزكۈر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بېرى بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تېررورچى دېگەن قالپاق بىلەن زەربە بەردى شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قازاقسىتان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبىكىستان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشتە ئۆزلىرىگە شىرىك قىلىشتەك مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى" دېدى. (ئەقىدە)