ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئامېرىكا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ بەزى ئىجابىي نىشانلىرىنى قارشى ئالسىمۇ، لېكىن بۇ ئورگاننىڭ ئامېرىكىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش پىلانىنى قوللىمايدۇ ۋە ئىران پرېزىدېنتىنىڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا قارشى تۇرىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەككورماكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا شاڭخەي گۇرۇھى ئوتتۇرىغا قويغان سودا، رايون ھەمكارلىقى، تېررورلۇق ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش نىشانىنى قوللىسىمۇ، لېكىن شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى قوللىمايدىكەن. ئۇ، " چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەر مەزكۇر ئورگان ئوتتۇرىغا قويغان نىشانلارغا خىلاپ" دەيدۇ.
شاڭخەي گۇرۇھى 2005 - يىلى ئاستانا يىغىنىدا ئامېرىكىنى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان. مەككورماك، "بۇ خىل تەلەپ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى. شاڭخەي گۇرۇھى بۇ يىل ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاستانا خىتابنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەككورماكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئىراننى كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقى رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ئۇ، " ئىران دۇنيا بويىچە تېررورچىلىققا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ياكى ئەڭ ئاساسلىق دۆلەت" دەيدۇ. ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد پەيشەنبە كۈنى يىغىندا ئامېرىكىنى ئىما قىلىپ، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش " زوراۋان كۈچلەرنىڭ تەھدىتىدىن قوغدىنىشقا" ياردەمچى بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ( ئەركىن)