خىتاي، ش ھ ت غا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى


2005.06.16

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ، 16 - ئىيۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېپىق تەشكىلات ئەمەس. ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ" دېدى.

شىنخۇا ئاگېنتلقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 7 - ئاينىڭ باشلىرى قازاقىستاندا تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئالىي دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ھەر قايسى قاتلاملار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش يىغىنى ئاچىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ يەنە، تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە رادىكال كۈچلەرگە زەربە بېرىش شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئالغا باستۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرتكە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ، رۇسىيە، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 6 دۆلەت 2001 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شاڭخەيدە مەزكۇر تەشكىلاتنى، ھۆكۈمەتلەر ئارا قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات دەپ بېكىتىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى شۇنىڭدەك رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ۋەدىلەشكەن ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش باھانىسىدا ،بۇ ئىككى دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا شەرتسىز قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.