خۇ جىنتاۋ شىمالىي كورىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شىمالىي كورىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، شىمالىي كورىيە رەئىسى كىم جۇڭ ئىل بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭدىن پىلاندىكى 5 - قېتىملىق 6 دۆلەت سۆھبىتىگە قاتنىشىش ۋەدىسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋ شىمالىي كورىيىدىكى 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە يەنە، شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان ھەمدە خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي كورىيىنى يادرو پروگراممىسىنى توختىتىشقا ئۈندىشىنى تەكىتلەپ كەلدى.

لېكىن كىم جۇڭ ئىل بۇ يىل يەنە بىر قېتىم شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گەرچە ئانالىزچىلار بۇنىڭ تېخى ئىسپاتلانمىغانلىقىنى، لېكىن شىمالىي كورىيىنىڭ ھەقىقەتەن يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.(پەرىدە)