جەنۇبىي كورىيە ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل خىتاينى مەخپىي زىيارەت قىلىشقا باشلىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، كىم جۇڭئىل سەيشەنبە كۈنى پويىز بىلەن مەخپىي تۈردە چىگرىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينى مەخپىي زىيارەت قىلىشتىكى پىلانى مەلۇم ئەمەسكەن.
مەزكۇر ئەمەلدار خىتاي ھەربىي مەنبەلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بەرگەن مەلۇماتىدا، " بىز ئۇنىڭ پويىز بىلەن خىتايغا ماڭغانلىقىنى ئېنىقلىدۇق" دەيدۇ. ئەمما جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى بەرمەكتە. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇڭ چۈەن سەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كىم جۇڭئىلنىڭ خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا " كونكرېت ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى" بىلدۈردى. ئۇ، " ئەلۋەتتە كىم جۇڭئىلنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش پىلانى بار" دەيدۇ. ئەمما كۇڭ چۈەن، " زىيارەتنىڭ كونكرېت ۋاقتى توغرىسىدا مەن ماقۇللۇق ئالغاندىن كېيىن مەلۇمات بېرىمەن" دەپ تەكىتلىگەن.
شىمالىي كورىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كىم جۇڭئىلنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغانلىقىنى رەت قىلدى. ئۇلار بۇ ھەقتە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىم جۇڭئىل ئاخىرقى قېتىم 2004 - يىلى 4 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆكتەبىردە پيوڭياڭغا بارغان ئىدى. (ئەركىن)