تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سوڭ چۇيۈ بېيجىڭغا كەلدى


2005.05.10

تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۇيۈ، سەيشەنبە كۈنى خىتاي چوڭ قۇرۇرلۇقىدىكى "كۆۋرۈك سېلىش" زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بېكىتى بېيجىڭغا كەلدى.

سوڭ چۇيۈ بېيجىڭ ئايرورومىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى قىرغاق خەلقىنىڭ ئورتاق ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزىدىكى تۇرغۇنلۇققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. سوڭ چۇيۈ، زىيارىتىنىڭ ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا ئۆتمۈشتىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىشكە ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئىككى قىرغاقتىكىلەر ھەممىمىز يەن – خۇاڭ ئەۋلادى. قانداق مەسىلە بولسا بىز جوڭگولۇق يەن – خۇاڭ ئەۋلادلىرى، ئۆتمۈشىتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك."

سوڭ چۇيۈ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئۇچرۇشىدىكەن. ئۇ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى شىئەندە، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېن شۈيبيەن مۇنداق دەيدۇ: " تەيۋەن بىلەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پەقەت ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئارقىلىقلا ھەل بولىدۇ. بۇ يەردىكى تەڭتۇشلار ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى. 23 مىليون تەيۋەن خەلقى تەيۋەننىڭ كېلەچىگىنى بەلگىلەيدۇ... فېدېراتسىيە ياكى مۇستەقىللىق بۇنىڭ ئىچىدىكى تاللاش يوللىرى،" دەپ كۆرسەتتى.

سوڭ چۇيۈ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ۋاڭ چىشەن ۋە پارتكوم سېكرىتارى ليۇ چىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ، چارشەنبە كۈنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا سۆز قىلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.