ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ نارازىلىقى تۈپەيلىدىن سىچۈۋەن ئۆلكىسىدىكى پۇبۇگوۋ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى توختاتتى. يىقىندا مەزكۇر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن يەر-زېمىنلىرى ۋە ئۆيلىرىدىن ئايىرىلغان رايوندىكى ئۈچ يېزا خەلقى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
خوڭ كوڭ مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشلارغا 50000 كىشى قاتناشقان بولۇپ، 27 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا بىر نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پۇبۇگوۋ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى مەسئۇللىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سۇ ئامبىرىدىكى قۇرۇلۇش ئىشى نامايىش كۈنى پۈتۈنلەي توختىتىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى رايون خەلقىنىڭ نارازىلىق ۋە شىكايەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندىكى يېزا خەلقى بىلەن بولغان ئىختىلاپلار بىرتەرەپ قىلىنمىغىچە سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇش ئىشى باشلانمايدىكەن.
سۇ ئامبرى قۇرۇلۇش ئىشى تۈپەيلىدىن يەر-زېمىن ۋە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايىرىلغان رايوندىكى ئۈچ يېزا خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ پۇلنىڭ يىڭى بىر ھايات قۇرۇش ئۈچۈن يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)