سىچۇئەندە بايقالغان توڭگۇز كېسىلىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گە يەتتى

چارشەنبە كۈنىگىچە خىتاينىڭ سىچۇئەن ئۆلكىسىدە بايقالغان توڭگۇز كېسىلىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گە يېتىپ، ھازىرغىچە 142 كىشى بۇ كېسەل بىلەن ياتاقتا يېتىپ قالدى. شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە 18 ئىنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئاستىدا ئىكەن.

بۇ كېسەل ھازىر خىتايدا چوڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە سىچۇئەندە نەچچە مىڭ توننا توڭلۇتۇپ قويغان توڭگۇز گۆشىنى مۇسادىرە قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ كېسەللىكنىڭ ھازىرغىچە بايقالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن يەرلىك ھۆكۆمەت ھەر قايسى ئورۇنلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقلىرىنى باشلىدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى كېسىلى بايقالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ كېسەللىكنى يوشۇرغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. نۆۋەتتىكى توڭگۇز كېسىلى سەۋەبىدىن ھازىر خوڭكوڭ قاتارلىق بىر قىسىم رايونلار سىچۇئەندىن گۆش كىرگۈزۈشنى چەكلىدى. (پەرىدە)