تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك ئارالنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بارغاندا، تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەيۋەنگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن ئاۋال، چېن شۈيبيەن 29 - ئىيۇلدىكى تەيۋەن- ياپونىيە 15 - نۆۋەتلىك بېلىقچىلىق سانائىتى سۆھبىتىگە بېرىشتىن بۇرۇنمۇ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەيۋەندە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
پرېزىدېنت چېن شۈيبيەن تەيۋەننىڭ ئەڭ شىمالىدىكى پېڭجيايۈ دېگەن بۇ ئارالغا تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى لى جيې بىلەن بىرگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە يەنە، سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەيۋەنگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى بىلدۈردى.
سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەيۋەن، ياپونىيە ۋە خىتاي 3 ئىلا تەرەپ تالىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارالنى ياپونىيە سېنكاكۇ دەپ ئاتايدۇ، تەيۋەن بولسا دىياۋيۈتەي، خىتاي بولسا دىياۋيۈداۋ دەپ ئاتايدۇ. (پەرىدە)