بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۈتەخەسسىسلەر خىتاينى يۈز بەرگەن ئاپەتتىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىدا كۆرسىتىشىچە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۈتەخەسسىسلىرى پەيشەنبە كۈنى: «خىتايدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك قار ‏- بوران ۋە قەھرىتان سوغۇق، دۇنيا مىقياسىدا ھاۋا رايىنىڭ يېڭىچە تەبىئىي ئاپەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا نىسبەتەن تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك» دېدى.

خىتايدا بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئاپەت، 100 مىليون كىشىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، 7 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي زىيان مەيدانغا كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۈتەخەسسىسلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ: «خىتايدا يۈز بەرگەن مەزكۈر ئاپەت، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھاۋا رايى كېلىماتى جەھەتتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىشىشىغا مۇتلەق ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى«ئاپەت» ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بۇرۇسەينىئونىڭ ئېيتىشىچە، نورمالسىز ھاۋا كېلىماتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ چارە - تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، نورمالسىز ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ ئىسسىق بەلۋىقىغا توغرا كېلىدىغان خۇنەن بىلەن گۈيجۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قار ‏- بوران ئاپىتى ھاۋا رايى مۈتەخەسسىسلىرىنى يەر شارى خاراكتېرلىك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشىلەندۈرمەكتە.