ياۋروپا بىرلىكى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى


2004.10.20

ياۋروپا بىرلىكى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىغا ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىگە ئىسلاھات كىرگۈزۈپ، خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى -2006 يىلى بىرىنچى ئايدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سودا كومىسسارى پاسكال لەمىي ( Pascal Lamy) چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ پاختا مايكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان باجنى -2006 يىلدىن باشلاپ 3% ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لەمىي سۆزىدە يەنە، بۇ % 3 خىتايغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما بېنگال، پاكىستان ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى ئېكىسپورتىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ئەرزان توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ خەلقئارا سودا بازىرىغا تۈركۈملەپ ئېقىپ كىرىشى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسۈتۈشتىن سىرت، بېنگال ۋە سرىلانكا قاتارلىق بىر مۇنچە كەمبەغەل دۆلەتلەرنى رىقابەتلىشىشكە ئىمكانسىز قىلىپ قويغان ئىدى.

ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كەمبەغەل دۆلەتلەرگە ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىگە 10 يىلدا بىر تۈزۈتۈش كىرگۈزىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى تۈزۈم -2005يىلى يىل ئاخىرىدا توشىدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.