ئامېرىكا تاشقى سودا دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى


2006.03.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ تاشقىي سودا دوكلاتىدا، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ يارىتىپ، ئەڭ چوڭ مەسىلە تۇغدۇرىۋاتقان دۆلەت، دەپ ئەيىبلىدى.

750 بەتلىك دوكلاتتا ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش ۋە تاشقى سودىدا دۇچ كېلىۋاتقان توسالغۇلار ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بارغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي خەلقئارا سودا قانۇنلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىنو فىلىمى، مۇزىكا، دورا - دەرمان، داۋالاش ئەسۋاپلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ، كىيىم - كېچەك ۋە ئاياغ كىيىملىرىنى كەڭ - كۆلەمدە تۆكمە قىلىپ ساتماقتا. دوكلاتتا، " تۆكمە قىلىپ سېتىش قانۇنى يولدىكى ماللارغا ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە توسالغۇ يارىتىپ، خەلقئارا بازار خىتاي تۆكمە ئېكسپورتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى " دەيدۇ.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا تاموژنا بېجى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە باج قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

باياتتا ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە خىتاي تەرەپتىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە جۇڭگو ئالاقىدار مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.