ئامېرىكا بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقوق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلەندى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كولىن پاۋىل گەرچە سۆھبەت باشلاشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى پات ئارىدا رەسمىي جاكالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنى دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن كىيىن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى يەنىلا ئىنتايىن ناچار بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقوق مەسىلىلىرىنى ئەيىپلەيدىغان قارار لايىھىسىنى سۇنغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقوق سۆھبىتى توختاپ قالغان ئىدى.

كولىن پاۋىل خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يەنە، تەيۋەن مەسىلىسى، شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسى ۋە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىمالىي كورىيىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرغان.

كولىن پائول دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي كورىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ ياپۇنىيىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. كولىن پاۋىلنىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا زىيارىتى ئاساسلىقى شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. (ئارزۇ)