ياپونىيە بىلەن خىتاي تاقىم ئاراللار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2005.09.30

خىتاي بىلەن ياپونىيە جۈمە كۈنى توكيودا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتقان تاقىم ئاراللار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا ياپونىيە خىتايلارنىڭ تالاش - تارتىشتىكى رايونلاردا تەبىئىي گاز قېزىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت قېدىرىش پائالىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتايلار ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسا، خىتايدىن رايوندا نېفىت قېدىرىش ۋە قېزىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىكەن. ياپونىيە خىتاينىڭ ياپونىيىگە تەۋە رايونلاردىكى دېڭىز ئاستى نېفىتىنى تارتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى، شەرقىي دېڭىزدىكى نېفىتلىكنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېچىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيە تەرەپ تەكىتلىگەن دېڭىز چېگرىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تالاش تارتىشتىكى رايونلاردا زاپاس كېمە ئەترىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد مىنىستىرى ياپونىيە قوغدىنىش قىسىملىرىنىڭ تالاش تارتىشتىكى رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.