ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2 - نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ


2005.11.29

خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو 7 - دېكابىردىن 8 - دېكابىرغىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، 2 - باسقۇچلۇق خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولېيك دەي بىڭگو بىلەن سۆھبەت جەريانىدا، ئامېرىكا - خىتاي ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتاق مەسىلىلەر ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. پرېزىدېنت بۇش يېقىندا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ " ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى،" دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنى "ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچىلەر" دەپ ئاتىغان ئىدى.

خىتاي ھەربىي خام چوتىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمى قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكىنى جىددى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىل 8 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، تېررورچىلىق، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە سودا، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

زولېيك، 1 - نۆۋەتلىك خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىدىن كېيىن، "ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ نىشانى خىتاينى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك، ئىقتىسادى ۋە سىياسى سىستېمىسى بىلەن بىر پۈتۈنلەشتۈرۈش،" دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.