بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ئوتتۇرىسىدا پەيشەنبە كۈنى شىنجېندا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئۆكتىچى ئەزالىرى جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش ۋاقىت جەدىۋىلى تەلەپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ئاساسى قانۇن كرىزىسى كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.
خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چياۋ شياۋياڭنىڭ تەلىپى بىلەن ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىشنى توختۇتالمايدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرى پەيشەنبە كۈنى شىنجېندا چياۋ شياۋياڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 2 سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى.
چياۋ شياۋياڭ، خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئومۇمى سايلام ۋاقىت جەدىۋىلى بەلگىلەش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغان. خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ دېموكراتىك ئەزاسى يوڭ سۇم، " بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ناھايىتى ئۈمىتسىزلەندۇق " دەيدۇ. يوڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چياۋ شياۋياڭ خوڭكوڭ ۋەكىللىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات پىلانىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پارلامېنت ئەزاسى ئېمىلى لاۋ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى " چياۋ شياۋياڭنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى " دەپ تەرىپلىدى. خوڭكوڭ دېموكراتلىرى يەكشەنبە كۈنى نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. (ئەركىن)