روبېرت زولېيك، بېيجىڭدا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى


2006.01.24

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى روبېرت زولېيك، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىشتىكى سودا مەسىلىسى، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى. زولېيك، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭلار بىلەن ئۇچراشقان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارەت كۈنتەرتىپىگە چېتىلغان بولۇشى مۈمكىن. خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن يىلى 9 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئەمما ئۇنىڭ زىيارىتى تۇيۇقسىز كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

زولېيك ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو بىلەن ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. زولېيك، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خەلقئارا مەسىلىلەر، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلقئارا سېستىمىدىكى ئىككى مۇھىم شېرىكلەر. بىر - بىرىمىزنى تىڭشاش، تەڭ گۈللىنىش، تىنچلىق، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتمىز" دەيدۇ.

زولېيك خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، چىڭدۇغا بېرىشى مۈمكىن. ئۇ بۇ يەردە مۈشۈك ئېيىق تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.