ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17 - ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەنجەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جاچىڭلىن قاتارلىقلار بىلەن يېزا ئىگىلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلانغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ سۆھبەتتە، تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى ئىش ھەققى تىز سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەۋاتقان ئەمما مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشى جەريانىدا پايدا كېمىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ ئۇلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىدىغان قەرزگە ئىگە بولۇشىغا ۋە يەر-زېمىندىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسى گومىنداڭچىلارغا "كوممۇنىست پارتىيە بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈش" ئۈچۈن، تەيۋەن خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىۋەتمەسلىك كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر ھازىر تەيۋەندە ئۆكتىچى پارتىيە ئورنىدا تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ، بۇنداق دۆلەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنى پارتىيىلەر ئارا ئۆتكۈزگەنلىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانماقتا. (ۋەلى)