سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن جىلىن نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن، جىلىن نېفىت خىمىيە تارقاق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم سېكرىتارى يۈلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي مۇھىتنى ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيې جىنخۇئامۇ بۇ سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. جىلىن نېفىت- خىمىيە شىركىتىنىڭ بىر زاۋۇتىدا 11 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەھەرلىك ماددىنىڭ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى سۈيىنى ئېغىر بۇلغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقەدە ئالاقىدار ئەمەلدارلار خەلقنىڭ ھايات- ماماتلىقىغا تاقىلىدىغان بۇ چوڭ ۋەقەنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، سۇ بۇلغىنىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى كەتتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئاممىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

يۈلى گەرچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ شىركەتتىن ئايرىلىش- ئايرىلماسلىقى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش- ئەيىبلەنمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

ۋەقە يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار مەسئول خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىغان. ئەمما ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلقى ۋەقەگە مەسئۇل ئەمەلدارلارنى جازالاش تەدبىرلىرىدىن يەنىلا گۇمان قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ ھايات- ماماتلىقىغا زىيان سالغان ئەمەلدارلارنى جازالىشى تېخى تولىمۇ يېتەرسىز ئىكەن. (ئارزۇ)